Ghunqa.com soz kal durux dap tiri
 
 
 

يوللىغان ۋاختى :2008-11-26 14:03:53
ئىسمى:مەن
  ئاپتوردىن: بۇ ھېكايەم ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى «يىگىت قىزدىن كىچىك» بوپ قېلىۋاتقان بەزى ئاشىق - مەشۇقلارغا ياكى ياخشى كۆرۈشۈپ تۇرۇپمۇ رەھىمسىز تەقدىر تۈپەيلى مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ كۆڭلىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي ئېلىپ كېلەلىسەم ياكى شېرىن كۈنلىرىنى قايتا ئەسلەتسەم ۋە ياكى شۇ دوستلارنىڭ ئازابتىن پۇچۇلانغان قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ تەسكىنلىك بېرەلىسەم ھەم مۇھەببەتلەشكەنلەرگە ئۆتمۈشكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارغا ھازىرقى قەدەمدە قانداق قىلىش توغرىلىق كاللىسىدا مەلۇم چۈشەنچە پەيدا قىلالىسام مەن بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەن بولاتتىم. مۇھەببىتىم مەندىن چوڭ(1) ئۇ _ سەت. ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدىلا «مەن تازا مۇشۇنداق قىزلار بىلەن چىقىشالمايمەن» دېگەنتىم، ئۇمۇ ماڭا كىنولاردا، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەندەك بىر قاراشتا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان، بىر كۈلۈمسىرەشتە جاننى ئېلىپ يانغا قويىدىغان ساھىبجامالدەك كۆرۈنمىگەن. لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە كېچە - كۈندۈز خىيالىمدىن چىقمايدىغان، خۇشال بولساممۇ، قايغۇرساممۇ ئەسلەيدىغان، ھەرۋاقىت ماڭا مەدەت، ئىشەنچ، غەيرەت ئاتا قىلىدىغان روھى تۈۋرۈكۈم بولۇپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىكەنمەن. بىلىپ - بىلمەي قالدۇرغان شېرىن خاتىرىلەرنى ۋاراقلىغىنىمدا بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىمەن يەنە بەزىدە ئاخىرى چىقمايدىغان چەكسىز خىياللار دولقۇنىغا شۇڭغۇپ كېتىمەن. . . تۇنجى كۆرۈشۈش ئۇ چاغلاردا مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ تەتىل مەزگىلىدە چاقىرىق قەغىزىنى ساقلىغاچ گۇاڭخۇي ئولتۇراق رايونىدا ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقانتىم. ئادەتتە بىر كۈندە ئۈچ سىمېنا بولۇپ ئالتە ئادەم ھەرسىمېنادا ئىككىدىن بولۇپ ھەپتىدە بىر ئالمىشىپ ئىشلەيتتۇق. ئىشقا چۈشۈپلا خىزمەتداشلار بىلەن ياش پەرقىمىز ئانچە چوڭ بولمىغاچقىمۇ تېزلا چىقىشىپ يېقىن ئاغىنىلەردىن بوپ كەتكەنتۇق. ئۇنى دەل ئىشقا چۈشۈپ بىرىنچى ئايلىق مۇئاشىم چىقىشقا ئاز قالغاندا ياندا پۇل يوق، تاماكىنىمۇ باشقىلاردىن سوراپ چېكىدىغان كۈنلەردە ئۇچراتقانتىم. ئۇ كۈنى مەن كۈندۈزى ئىشلىگەن. ئادىتىم بويىچە كىرگەنلەرنى خاتىرىلەيدىغان دەپتەرنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپلا كىتابىمنى ئوقۇۋاتاتتىم. توساتتىن بىر چوڭ ماشىنا گۈركىرەپ كەلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىشىمغا ماشىنىدىن ئوتتۇرا بوي، چېچىنى سۇس قىزىل - سېرىقتا بويىۋالغان، قارىماققا گىرىم قىلمىغاندەكلا كۆرۈنىدىغان بىر قىزچاق سەكرەپ چۈشتى. نېمشقىكىن قىزلارنىڭ بوي - تۇرقى ياكى كىيىنىشىگە قاراپلا ئەخلاقىغا باھا بېرىۋېتەتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ يېڭى قىسقا مايكىسىغا، پادىچىلار يوپكىسىغا قاراپلا ئۇنى <شەھەرنىڭ سەتەڭ قىزلىرى>دىن بىرى ئىكەندە، دەپ ئويلىدىم - دە، خۇشياقمىغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قوپاللا سورىدىم: _ بىرەرسىنى ئىزدەمتىڭىز؟ _ ياق... ياخشىمۇسىز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟... مەن يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىدىم. ماشىنىدا يۈك - تاقىلىرىم بار. ئۇ شۇنداق دېگەچ كەينىدىكى ماشىنىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭ شۇنچە قوپال تەگسەممۇ مەندىن ئەھۋال سورىغانلىقىدىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ گەپمۇ قىلماي بېشىمنى سۇس لىڭشىتىپ قويۇپ جايىمغا كېلىپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم. كاللامدىن دەل بايىقى <مەن تازا مۇشۇنداقلار بىلەن چىقىشالمايمەن> دېگەن ئوي كەچكەنىدى. ئۇ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇلارنى مەن بىلەن بىر سىمېنادا ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىم ھەم ئاغىنەم ئوسمان ھاجەتخانىدىن كېلىۋاتقاچ كۆرۈپ قاپتىكەن. ئۇ قىزلارغا ئامراق، لېكىن كۆڭلى تۈز بالا ئىدى. ئۇنىڭغا تازا بولۇپ بەردى. _ كىم ئۇ ئاداش؟ ئەجەپ مۇڭ پاراڭلىشىپ كەتتىڭلارغۇ؟ _ دېدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارىغاچ. _ يېڭىدىن كۆچۈپ كەپتۇ، نەدە مۇڭ پاراڭلىشىمىز؟ ` _ ۋاي، كۆرمىدى دېمە! قاراپ تۇرسام يېرىم سائەت پاراڭلاشتىڭلارغۇ؟ ئۇنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. كۈندە زېرىكىشلىك بولغاچقا بۇنداق گەپتىن گەپ چىقىرىپ ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا مەنمۇ قەستەن: _ ھە پاراڭلاشتۇق. گېپى بەك تاتلىق قىزكەن ئۇ، ھەي... _ دەپ بېشىمنى چايقاپ تامىقىمنى چىكىلدىتىپ قويدۇم. _ ئىسمى نېمىكەن؟ _ دەپ بەرمەيمەن. ھېلىمۇ قىز دوستۇڭ ئاز ئەمەس سېنىڭ. _ بىر قىزبالا بىلەن تونۇشىۋېلىپلا ئاغىنەڭدىنمۇ قىزغىنىۋاتىسەن ھە؟ ھە بوپتۇ، سورىمىغان بولاي! _ ھە سورىمايلا قوي، مەن بىلسەملا بولمىدىمۇ؟ _ ئەمسە قاچان كەلتۈرىسەن؟ _ ئــــــا! چاقچاق مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەمدى بىر قېتىم كۆرۈشسەم ئۇنىڭ بىلەن. بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق چاقچاقلار راستقا ئايلىنىپ كەتكەنتى. ئوسمان دائىم شۇنداق، باشقا بالىلار بىرەر قىزبالا بىلەن پاراڭلىشىپ بەش مىنۇت تۇرۇپ قالدىمۇ بولدى، ئىككى شەرت قويۇۋالىدۇ. <بىرى، ماڭا تونۇشتۇرۇپ قوي؛ يەنە بىرى، كەلتۈرەلىسەڭ مەن مېھمان قىلىمەن، كەلتۈرەلمىسەڭ سەن مېھمان قىلىسەن> دەپ. شۇڭا مەنمۇ بۇ چاقچاقنىڭ مۇشۇنداق پۇل يوق چاغلاردا راستقا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چىرايلىق باھانە تېپىپ قۇتۇلماقچى بولدۇم. _ ئەمدى بىر قېتىم كۆرۈشكەن بولساڭ نېمە بوپتۇ؟ يۈرەككە ئوت تۇتاشتىمۇ بولدى ھېساب! _ دېدى ئوسمان مېنىڭ ئەنسىراۋاتقانلىقىمنى سېزىۋالغاندەك. ئۇنىڭ كۈلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چىرايىدىن <يا مېھمان قىلىسەن، يا مېھمان قىلىمەن!> دېگەن مەنا چىقىپلا تۇراتتى. كۆڭلۈم تۈز بولغاچقىمۇ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمىدىم: _ مېھمان قىل، دېمەكچىغۇ سەن؟ خاتىرجەم بول، يۈرەككە ئوت تۇتاشمىدى. _ ئەمسە نېمىشقا ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارايسەن؟ _ نېمە؟ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارىدىمما؟ _ ھەئە! قارىدىڭغۇ؟ ساڭا قاراپ تۇرسام ماشىنا دوقمۇشتىن ئەگىلىپ كەتكۈچە قارىدىڭ! _ ۋاي قارىمىدىم. _ ۋاي قارىدىڭ! _ مانىڭ جاھىللىقىنى! ھە قارىسام نېمە بوپتۇ؟ بىر قاراش پەرز، ئىككى قاراش سۈننەت دەپتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل دوستى بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. _ ئۈچ قاراش ھارام دەپتىكەن. ئوغۇل دوستى بولغان بولسا ئۆي كۆچۈشۈپ بېرەتتى. _ لېكىن ماشىنا ئەگىلىپ بولدى، مەن ئۇنى ئىككى قېتىممۇ كۆرەلمىدىم. _ ئەمسە كېيىنكى قېتىم كۆرۈشكەندە كەلتۈرۈۋالىسەن، كەلتۈرەلمىسەڭ مېھمان قىلىسەن! _ مانا، سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم مەن. ھە چاتاق يوق! _ ئەمسە كېلىشتۇق! ئوسمان بىلەن قول بېرىشىپ پۈتۈشتۇق. بۇرۇن بەزى ئاغىنىلىرىم <مابىتىمنىڭ دوستى، ساۋاقدىشى...> دەپ بىرمۇنچە قىزلارنى تونۇشتۇرۇپ قويغان. دەسلەپ گەپدانلىقىم بىلەن كەلتۈرۈۋالغانمۇ بولدۇم. لېكىن ھەممىسى خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا ئايرىلىش تەكلىپىنى مەندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغانتى. ئەڭ ئۇزۇن مۇھەببەتلەشتىم دېسەم ئىككى ھەپتە. قانداقمۇ مۇھەببەت دېگىلى بولسۇن ئۇنى؟ بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى قىز دوستۇم بىلەن ئىككى ھەپتە يۈرۈپ ئايرىلىپ كەتكەندە ماڭا سەل ئېغىر كەلگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشمۇ كاللامغا كىرىپ چىقمايدىغان بوپ قالغان ئىدى. خۇددى <ئېسىلى مېنى ياراتمايدۇ، مېنى ياراتقىنىنى ئېسىل دېمەيمەن> دېگەندەكلا. ئىشقىلىپ مۇھەببەتنى خىيالىمدىلا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بىرەر قىزبالا مۇھەببەتنىڭ شىرىن شەربەتلىرىنى ئاتا قىلمىغان چاغلاردە ئۇ. شۇڭلاشقىمۇ مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپتىكەنمەن. كەچتە خىزمەتداشلار بىلەن ئاددىي سورۇندىن بىرنى تۈزدۇق. ياندا پۇلنىڭ تايىنى بولمىغاچقا بۇندىن بۇرۇنمۇ بىرىمىز تاماكا، بىرىمىز ئىككى - ئۈچ بوتۇلكا پىۋا، يەنە بىرىمىز گازىر...دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ پاراڭلاشقاچ ئولتۇراتتۇق. باشقا غېمىمىز بولمىغاچقىمۇ كۆپىنچە گىتتار چېلىپ، ناخشا توۋلاپ، بىر - بىرىمىزنى مات قىلىشىپ ياكى مەن مەكتەپتىكى كۈلكىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ كۈلكە - چاقچاق بىلەن دېگەندەك. بۈگۈنكى سورۇندا ئوسمان كۈندۈزى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بولغان گەپلەرنى چىقىرىپ باشقا ئاغىنىلەرنىڭ ئالدىدا ماڭا ۋەدە بەرگۈزدى. مەنمۇ ئىچىمدە <ئويۇن تۇرسا بۇ!> دەپلا ماقۇل بولدۇم. لېكىن بۇ ماقۇل بولۇش قەلبىمنىڭ كىشى ئاياق باسمىغان پىنھان ئېتىزىدىكى يېڭى ئويغىنىۋاتقان سۆيگۈ بىخلىرىنىڭ جانسىز شىۋىرلاشلىرىنى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قوبۇل قىلغىنىمدىن بولغانىكەن. ھەقىقىي مۇھەببەت تۇنجى كۆرۈشۈشتىنمۇ پەيدا بولىدىكەن. ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈش ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە برىپ ئۇنى «كەلتۈرۈش» ئۈچۈن پىلان تۈزدۈم. پەرىزىمچە بۇنداق قىزلار ئېغىر - بېسىق، بېشىدىن خېلى ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن، كەم سۆز يىگىتلەرنى ياخشى كۆرەتتى. ئەڭ ياخشىسى ھېسسىياتقا باي، ئورۇنلۇق سۆزلەيدىغان «كىتابپۇرۇش» بولىۋالاي! ئۇچاغلار مەن دەل كېچىلىك سىمېنادا ئىشلەيدىغان چاغلار بولغاچقا ئۆيدە ئۇخلاپ قورساقنى توقلاپ تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ كەچتە ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىمغا ئۈلگۈرۈپ ئولتۇراق رايونغا باردىم. ئۆزۈمنىڭ سىمېناسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقا بالىلار بىلەن خوشلىشىپ ئوسمان بىلەن ئىككىمىز قالدۇق. _ ئۇ كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن ئوسماندىن. _ مەنمۇ سەن بىلەن تەڭ ئىشتىن چۈشۈپ يەنە سەن بىلەن تەڭ ئىشقا چىقتىمغۇ؟ بىر كۈن كۆرمەيلا سېغىنىپ كېتىپسەندە؟ _ دېدى ئوسمان قەستەن تەنە قىلغان ئاھاڭدا. _ ياقەي، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم. تاماكاڭ بارمۇ؟ _ تۈگەپتۇ، _ دېدى ئۇ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرغاچ ئاندىن، _ مەن ماگزىنغا كىرىپ تاماكا ئېلىۋالاي ھە! _ دەپلا دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدا مۇنداقلا دەپ قويغىنىممۇ تۇنجى كۆرۈشۈشنىڭ سېھىرلىك كۈچىدىن بولغانىكەن. مەن خېلى ساقلىغاندىن كېيىن ئوسمان تېز - تېز قەدەملەر بىلەن يىراقتىنلا گەپ قىلغاچ كەلدى: _ ئاداش... كەلدى، كەلدى! _ نېمە كەلدى؟ _ قىز دوستۇڭ كەلدى! ئۇنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۈزۈپ قويغان پىلانىم بويىچە ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ كىتابىمنى ئالدىمدە ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكىدەك پۈتۈن زېھنىم بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقان ھالەتتە ئولتۇرۇۋالدىم. ئوسمانمۇ يېنىمغا كېلىپ كىتاب ئوقۇغان بولۇپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ پاشىنىسىدىن مەن ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان «تاق - تاق» قىلىپ چىققان ئاۋازدىن يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كىتابنى قويۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغاچ ئوسمانغا دېدىم: _ پاشىنىسى بار ئاياق كەيمىسە نېمە بولار مۇشۇ قىزلار؟ كەينىدىن قارىسا ھېساب ئەمەس شۇنداقمۇ؟ _ قاچان ئىككىڭلارنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ بىر - ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقاندا ھېساب، _ دېدى ئوسمانمۇ ماڭا ئوخشاشلا كۆزىنى ئۇنىڭ يېنىك، شوخ مېڭىشلىرىدىن ئۈزمەي. _ ئۇنداقتا ياخشى! سائەتكە قاراپ باقە، نەچچە بولدىكىن؟ _ 11 بوپتۇ. دېمەك ئۇ كەچلىكى 11 لەردە قايتىپ كېلىدىكەن، دېگەن سۆز! ئەمدى ئەتىگەن سائەت نەچچىدە ئۆيىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالسام! كەچلىكى سائەت 12 دە دەۋازىنى تاقاپ بىركۈن ئۇ بىركۈن مەن نۆۋەتلىشىپ ئۇخلايتتۇق. ئىككىلىمىز ئۇخلاپ قالساق قىسىم باشلىقىمىز نازارەت قىلىپ كېلىپ قالسا جەرىمانە قويۇۋېتەتتى. كىم ئۇخلىمىسا شۇ قىسىم باشلىقىمىزنىڭ موتوسكلېتىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان ئۇخلاپ قالغاننى ئويغىتىپ قوياتتى. شۇنداق قىلغاندا گەپمۇ كەلمەيتتى. ئادەم دېگەن ئەقىللقتە!؟ ھەرخىل خىرىسلارغا ئامالنى تەييار قىلىپ تۇرىمىز! بۈگۈن ئۇخلاش نۆۋىتى ئوسمانغا كەلگەنىدى. مەنمۇ ئادىتىم بويىچە گىتتىرىمنى بىردەم تىرىڭشىتىپ قويۇپ تىزىملاش دەپتىرى قويىدىغان ئۈستەلگىلا بېشىمنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم... ئەتىسى يولدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازلىرىدىن ئويغىنىپ دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ، يۈز - كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، ئولتۇراق رايون بىنالىرىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتىن كېلىۋاتقان نەمخۇش پۇراقتىن ھوزۇرلىنىپ تۇرسام يەنە ئېگىز پاشىنىلىق ئاياغنىڭ «تاق - تاق» قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئادەم بۇنداق چاغدا بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. ئىختىيارسىزلا بۇرۇلۇپ قارىسام راستىنلا ئۇكەن. گەپ قىلاي دېدىميۇ، پاشىنىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا گەپ قىلغۇم كەلمىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشىنى بىردەم تاماشا قىلىپ ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپ ئەگىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ سائەتكە قارىسام يەتتىدىن سەل ئۆتۈپتۇ. دېمەك، ئەتىگىنى سائەت يەتتىدە ئۆيىدىن چىقىدىكەن! كەچتە سائەت 11 بولغاندا ئوسمان ئالدىدا بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ يەنە ئاۋۋالقى قېتىمقىدەك «كەلدى، كەلدى!» دېگەنتى، مەن راست ئوخشايدۇ، دەپ يەنە كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەكلا ئولتۇرۇۋاپتىمەن. خېلى ئولتۇرساممۇ ھېلىقى مەن ئۆچ كۆرىدىغان «تاق - تاق» ئاۋاز ئاڭلانمىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئوسمان دەرۋازىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ. ئالدانغانلىقىمنى ھېس قىلىپ كىتابنى ئۇنىڭغا ئاتتىم. ئوسمان كىتابنى قولىغا ئېلىپ تېخىمۇ بەك كۈلۈپ كەتتى: _ ھا ھا ھا... ساراڭ بوپتۇ بۇ ساراڭ! _ ساڭا ئويۇن بوپ بېرىدىغان بولدى - دە؟ _ ئەسلىدىمۇ ئويۇن تۇرسا بۇ؟ ھا ھا ھا... ھوي، راست! دېمىسىمۇ بىر - بىرىمىزنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن تاپقان ئويۇن تۇرسا بۇ؟ ھەجەپ ئەستايىدىل بوپ كېتىۋاتىمىنا؟ شۇنىڭ بىلەن گىتتىرىمنى ئاچىقىپ چېلىپ ئولتۇردۇم. ئۇخلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەچكە ئوسمان «سائەت 12 گىچە ئۇخلىۋالاي» دەپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىختىيارى ئەمەس ئۇنى ساقلىغانسېرى تىت - تىت بولۇپ ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن. بىردەم - بىردەم دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يوللارغا قارىساممۇ ئۇ ھېچ كۆرۈنمەيدۇ. سائەت 12 بولغاندا ئاخىرى ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئەمدى دەرۋازىنى تاقاي دەپ تۇرۇشۇمغا كەينىمدىن زىل ئاۋاز ئاڭلاندى: _ تاقىماي تۇرۇڭ! كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۇكەن. يۈگۈرگىنىچە كۈلۈمسىرەپ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئاشۇ ئېگىز پاشىنىلىق ئايىقىنىڭ «تاق - تاق» قىلغان ئاۋازىدىن كەيپىم ئۇچتى. _ ئەجەپ كەچ قالدىڭىزغۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن قەستەن قاپىقىمنى تۈرۈپ. _ بۈگۈن رېستۇراندا يىغىن ئاچقان، دېرىكتور مەست بوپ قاپتىكەن گېپى تۈگىمەيلا كەتتى. تاكسىدا ئولتۇرسام قورقىدىكەنمەن، شۇڭا پىيادە مېڭىپ كەلگەچكە كەچ بوپ كەتتى. ئۇ شۇنداق دەپلا خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى. گەرچە بۇرۇن مەن تونۇشقان قىزلار كۆپ بولسىمۇ لېكىن ھېچقايسىسى بۇنداق يۈزى تۆۋەن بولمىغاچقا ئۇنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىيالماسلىقى ماڭا ئالەمچە زوق بەخش ئەتكەن ئىدى. قىز بالا دېگەن شۇنداق بولمامدۇ؟ _ ھە، بۇندىن كېيىن كەچ قالسىڭىز تاكسىدا ئولتۇرۇپ كېلىڭ! پىيادە ماڭسىڭىز تېخىمۇ خەتەرلىك ئەمەسمۇ؟ بىلمەمسىز كوچىدىكى ھاراقكەشلەرنى؟ _ دېدىم مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ئاھاڭدا. _ بۈگۈن شۇنداق بوپ قالدى...ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ. مەندىن بەك ئەنسىرەپ كېتىپسىزدە؟ دەرۋازىنىڭ بىر قانىتىنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭ دېگەن گېپى كاللامغىلا چىقتى. مەن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىلەلمىسەم ئۇ بىر ئېغىز گېپىمدىنلا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ _ نېمىشقا سىزدىن ئەنسىرىگۈدەكمەن؟ مەن ئىشىكنى بالدۇر تاقىمىسام بولمايدۇ، كۈندە سىزنى ساقلاپ ئولتۇرامدىم؟ قەستەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ يەنە ماڭا تىكىلىپ قارىيالمىدى. شۇ تاپتا چىرايىمنى تۇتىۋالغىنىم بىلەن كۈلگۈم كېلىپ ئارانلا تۇراتتىم. _ كەچۈرۈڭ! _ دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ قويۇپلا يەنە باشقا ياققا قارىۋېلىپ. _ ھە بولدى، كىرىپ بالدۇر ئۇخلاڭ. قىزلار كەچ ئۇخلىسا يۈز تېرىسى يىرىك بوپ قالىدۇ. بۇ گەپنى نەدىن ئاڭلىۋالدىمكىن تاڭ؟ _ رەھمەت، خوش ئەمسە. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! ئۇنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى ھەرخىل رەڭلىك چىراق نۇرلىرى ئاستىدا تېز - تېز قەدەملىرى بىلەن كېتىۋاتقان ھالىتى بايىقى كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىيالمىغانلىقىغا قوشۇلۇپ ماڭا شۇنچە ئوماق تۇيۇلۇپ كەتتى. دەرۋازىنى تاقاپ ئوسماننى ئويغىتىپ قويۇپ كارىۋاتتا سۇنايلىنىپ ياتقاچ شامالدۇرغۇچنىڭ سالقىن شامىلىدا ئۇنىڭ بىلەن بايا دېيىشكەن گەپلەرنى ئويلاپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتىم. ئاغزىمدا «ئويۇن» دەپ قويغىنىم ئۆزۈمدىكى ھېسسىيات ئۆزگۈرۈشىنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمىغىنىمدىن بولغانىكەن. تۇنجى قېتىملىق سىناق ئەتىسى سەھەر ئويغىنىپ ئۇنىڭ ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ يەنە قولۇمغا كىتابىمنى ئېلىپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى ئورۇندۇقنى ئاچىقىپ كىتاب كۆرۈپ ئولتۇردۇم. ئوسمان تېخىچە تىزىملاش ئۈستىلىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېلىقى «تاق - تاق» قىلغان ئاۋاز كەلدى. _ تېنچلىقمۇ؟ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تەنلىرىم يايراپ كەتتى. بەلكىم ئاخشامقى «شاپائىتىم»، «كىتابپۇرۇشلىقىم» ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان بولسا كېرەك. كىتابتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا چىرايىمنى قىلچە ئۆزگەرتمەي بېشىمنى لىڭشىتقاچ قوپال ئاۋازدا«تېنچلىقمۇ؟» دەپ قويدۇم. ئۇ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن: _ كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنسىزھە؟ _ دەپ سورىدى ۋە سوراپ بولۇپلا يەنە خاتا گەپ قىلىپ قويغاندەك باشقا ياققا قارىۋېلىپ قىپقىزىل لەۋلىرىنى ئۇچلۇق قىلىۋالدى. بەلكىم مېنى «نېمە كارىڭىز؟ ئىشىڭىزغا ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟» دەۋىتىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. توۋا! ھەجەپ قورقۇتۇۋېتىپتىمەن بۇنى. مەن ئوسماننىڭ ئويغۇنۇپ كېتىپ مېنى«كەلتۈرەلمەپسەن، مېھمان قىل!» دېيىشىدىن ئەنسىرەپ قولۇمنىڭ بىگىز بارمىقىنى لېۋىمگە تەگكۈزۈپ:_ ھۈشششششش! ئاغىنەم ئويغىنىپ كەتمىسۇن، _ دېدىم ۋە ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋتقان ئوسماننى ئىشارەت قىلىپ قويدۇم._ ھە، بىلدىم. مەن ئىشقا ماڭاي، خوش! _ دېدى ئۇ ئوسمانغا قاراپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ. شۇئان كاللامدىن بىر خىيال كەچتى. «بۈگۈنغۇ ئوسمان تۇيۇپ قالمىدى، لېكىن ئۇ ھەركۈنى ماڭا سالام قىلسا ئەتە بولمىسا ئۆگۈن ئاغىنىلەردىن بىرى بولمىسا بىرى سېزىپلا قالسا پۇل يوقچىلىقتا تازىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشىمەندە؟_ ھەي، _ دېدىم مەن ئوسمانغا بىر قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، _ مەن ئەتىدىن باشلاپ كۈندۈزى ئىشلەيمەن، كەچلىكى باشقا بالىلار ئىشلەيدۇ. شۇڭا ئىشقا ماڭغان ياكى ئىشتىن كەلگەندە ئۇلارغىمۇ سالام قىلىپ ئۆتۈڭ! شۇنداق بولغاندا ھېلىقى كۈندىكىدەك كەچ قالسىڭىزمۇ ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئۇقتىڭىزمۇ؟ _ ھە ئۇقتۇم. رەھمەت! _ ئەمدى ماڭسىڭىز بولىدۇ، خوش! _ خوش! مانا ئەقىل دېگەن! بىرىنچىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۈندە سالاملىشىپ ئاشۇ ئىللىق تەبەسسۇمىدىن ھوزۇرلىنالايمەن؛ ئىككىنچىدىن باشقا بالىلارمۇ گۇمان قىلىشىپ كەتمەيدۇ. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك دېگەن مۇشۇدە؟! تازىمۇ ياۋاش قىزكەن بۇ! نېمىلا دېسە «ھە» دەيدىغان
توربىتى  Q Q Email 

يوللىغان ۋاختى :2008-11-7 19:33:40
ئىسمى:http://fytbel.com/un
 bean bag rock n roll [URL=http://fytbel.com/wrangler-jeans-where-to-buy.html]wrangler jeans where to buy[/URL] fire stone air bags [URL=http://fytbel.com/learning-boot-scootin-boogie.html]learning boot scootin boogie[/URL]
توربىتى  Q Q Email 

يوللىغان ۋاختى :2008-11-7 17:37:03
ئىسمى:http://fytbel.com/el
 mad hatters funky hats [URL=http://fytbel.com/person-with-hat.html]person with hat[/URL] ellie brand knee high boots white [URL=http://fytbel.com/evening-bags-with-feathers.html]evening bags with feathers[/URL]
توربىتى  Q Q Email 

باشبەت ئالدىنقى كىيىنكى ئاخىرقى  1/1784بەت